قوشماقلىشىش
تېخىمۇ كۆپ>>چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى 60دىن ئارتۇق كادىر 11-مارت ئەتىگەن ئاقتىكەندۆڭ يېزا ئىسسىقئۇتاغ كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەملەشكىلى كەلدى.
خەلق تۇرمۇشى
تېخىمۇ كۆپ>>كۇچا ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل 13 مىڭ 900 دېھقان ياشنى كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك، گىلەم توقۇش، رېمونتچىلىق، ئاشپەزچىلىك قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى 15دىن ئارتۇق ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش پىلانىغا ئاساسەن ھەرقايسى تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلاندى.
ئۈچ ئەل خىزمىتى
تېخىمۇ كۆپ>>شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئونسۇ ناھىيە كومسۇمۇل باشقۇرۇش رايونى تۆۋەنكى جام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 1-دېۋىزىيە ئارال دوختۇرخانىسىدىن تېببىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ كەنتتىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپ قويدى ھەمدە ئۇلارغا ھەقسىز دورا تارقىتىپ بەردى.
نامراتلارنى يۆلەش
تېخىمۇ كۆپ>>يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى زور كۈچ بىلەن پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى زور بىر تۈركۈم ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىرغىچە، بۇ ناھىيە ھەر يىلى 23 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى(ئادەم /قېتىم)نى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، كېمە... لۇ شۈننىڭ يۇرتى شاۋشىڭ دۇنيا سودىگەرلىرى تەلپۈنىدىغان، شۇنداقلا ئېلىمىز پۇقراۋى ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەر. ئۈچ شىنجاڭلىق يىراق تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ سۇ يۇرتىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان كۈرەش نىشانىنى بويلاپ يېڭى يىپەك يولىدىكى رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا... شاۋشىڭ شەھىرى كېچياۋ رايونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى يىغىپ تارقىتىدىغان جاي، دۇنيادىكى تۆتتىن بىر قىسىم توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى سودىسى بۇ جايدا پۈتىدۇ. كەم – كوتسىز بۇ ‹‹يەر شارى كەنتى›› دە، ئوخشىمىغان ئىرقتىكى سودىگەرلەر كېچياۋنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن شىنجاڭلىق سودىگەر بار بولۇپ، يۈسۈپ تۇرسۇن شۇلارنىڭ بىرى.
ۋېن بو شىنجاڭلىق، 1986 – يىلى بېيجىڭ رادىيو ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغان ھەم ئەينى چاغدا مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن بىردىن بىر رىياسەتچى بولۇپ قالغان ۋە 1990 – يىلى ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.‹‹ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاخبارات مۇخبىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىنىڭ بەلگىسى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى كەسىپكە قايناق ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە كەسىپنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك››، دېدى 10 – ئۆكتەبىر سەھەر سائەت بىردىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭدوڭدا تۇرىۋاتقان ۋېن بو ماڭا ئۈندىداردا.
ئوبزور
تېخىمۇ كۆپ>>