The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20180817205510/http://uy.ts.cn/zhtgz/node_16781.htm
تېخىمۇ كۆپ>>

    ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك

    ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    قانۇن شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

    شىنجاڭ قانۇنچىلىق جەمئىيىتى ‹‹پۈتۈن شىنجاڭدىكى قانۇنشۇناسلار، قانۇن خىزمەتچىلىرىگە تەشەببۇس››نى ئوقۇپ، ھەر مىللەت قانۇنشۇناسلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى كاللىسىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىش؛ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش؛ ئەمەلىيەتنى كۆزلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا چاقىردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئىسمائىل ئەھمەد، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش پائالىيىتىدىكى ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

    يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يولداش ئابلەت ئابدۇرېشىتلار ئايرىم – ئايرىم ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇقىملىق ئۈستىدە سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا توختىلىپ،

    بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەيلى

    مۇھەببەت – نەپرىتىمىز ئېنىق بولۇشى، ياخشى ئىشلارنى چەكسىز قەدىرلەپ، ناچار ئىللەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، ئۇلار پارتىيەگە ئالا كۆڭۈللۈك، ھەر مىللەت ئاممىغا ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئۆتكۈر شەمشىرىمىزنى ئوينىتىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشىمىز كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى

    باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، يۇقىرى قاتلامدىن سۆزلەنگەن بۇ مۇھىم سۆز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق پىلانى ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرىنىڭ مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ جەۋھىرى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تېخىمۇ بېيىتىلىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە تۈپ مىزانىدۇر. ...[تەپسىلاتى]

    ئۇيغۇر كادىرلار بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشى كېرەك

     ھەر بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بولغان چەكسىز نەپرىتىنى بىلدۈرۈشى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇشى كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى، ساداقىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئاڭلىق قوغداشقا سىڭدۈرۈشى كېرەك. ...[تەپسىلاتى]

    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ...[تەپسىلاتى]

    گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشايلى

    بىز ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش شۇجىنىڭ ‹‹ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ...[تەپسىلاتى]

    ئېتىقادى مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان ئۇيغۇر كادىرلاردىن بولۇشىمىز كېرەك

    ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تىكى سۆزلەر ئاددىي، ئەمما ئۆتكۈر بولۇپ، چوڭقۇر ۋە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي سادىقلىق ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ يۈرەك ساداسى سۆزلەنگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ...[تەپسىلاتى]

    ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك

    ئۇيغۇرلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ئوخشاش ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ئادىل، ھەققانىي، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بۇ پولاتتەك پاكىتلار پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە نەزەر سالساق، قايسى دۆلەت، قايسى دەۋردىكى ھۆكۈمەت مۇشۇنداق قىلالىغان؟ بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى خۇدا ئەمەس، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك! ...[تەپسىلاتى]

    ھەر مىللەت ئوغۇل–قىزلىرى ئورتاق قوغداۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن

    مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاددىي پارتىيە ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇمدا پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنى بارغانسېرى ياخشى قۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت ئومۇمىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى›› دېگەن مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، دۆلەت يولغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەملەر تاشلىنىپ، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا رەڭدار مېلودىيە ياڭرىتىلدى. ...[تەپسىلاتى]

    ئويغىنىش ھەقىقەت، ئىتتىپاق بولغاندىلا كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ

    يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئاددىي ھەم سەمىمىي ياڭراق ئاۋازى ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، دادىللىق بىلەن پارتىيە ۋە ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە سەمىمىي سادىق بولۇش ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك ھەققانىيەت ساداسىنى ئاڭلىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مەن كۆپ يىل پارتىيە تەربىيەسىنى ئالغان بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا مەيدانى ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتە ھەرىكىتى كەسكىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى چىن سەمىمىيىتى بىلەن سۆيگەنلىكىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. ...[تەپسىلاتى]

    پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ بەخت–سائادىتى

    ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەزەلدىن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. پارتىيە بىزنىڭ ئانىمىز، ۋەتەن بىزنىڭ يۇرت – ماكانىمىز، ئانىمىز ۋە يۇرت – ماكانىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىز. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەر مىللەت كىشىلىرى بىللە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلدۇق، كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل – ئىناق ئۆتتۇق. بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە ئېرىشتۇق. شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، ۋەتەن قوينىدا بولغاچقىلا، مۇشۇنداق بەختكە ئېرىشەلىدۇق، پارتىيە ۋە ۋەتەن مىللىتىمىزگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، پارتىيە ۋە ۋەتەن مىللىتىمىزنىڭ بەخت – سائادىتى. ...[تەپسىلاتى]

    ئېكران

    تېخىمۇ كۆپ>>

    پارتىيەنىڭ غەمخورلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى باشلامچىلاردىن بولىمىز

    ھەرمىللەت ۋەكىللىرى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلاشتى

    بارلىق ۋەكىللەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تەشەببۇسنامە چىقاردى

    شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىغا ‹ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئۈستىگە ئېلىش روھى› ناملىق ئىمزالىق ماقالە بېسىلدى

    زور كۈچ توپلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىمىز

    دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايلى

    شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئوبزورچى ماقالىسى‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر›نىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك